ئۇيغۇر پوچتىسى، 12-دېكابىر
دىلنۇر رەيھان
مۇقەددىمە
بۇ يىل 3-دېكابىر، فىرانسىيە پىرىزدىنتى ئىممانۈئەل ماكرون خىتايغا زىيارەتكە ماڭدى. بۇ ئۇنىڭ 2017-يىلدىن بېرىقى خىتايغا قىلغان 4-قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئۆتكەن قېتىملىقىغا ئوخشاشلا، ئاساسلىق مەقسىتى ئىككى بولۇپ، بىرى رۇسسىيەنى ئوكرائىنانى بومبىلاشتىن توختىتىشقا كۈچەش، ھەتتا رۇسسىيەنى قوللاشنى توختىتىش، يەنە بىرى بولسا، 40 يىلدىن بېرى فىرانسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تامامەن خىتايغا پايدىلىق بولۇۋاتقان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى بىر ئاز بولسىمۇ تۆۋەنلىتىش. گەرچە، ماكرون ناھايىتى يۇقىرى ۋە پەۋقۇلئاددە كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، خۇددى ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاشلا، خىتاي پىرىزدىنتى شى جىنڭپىڭ ماكروننىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
بۇ ئوخشاش كۈن، ”پارىژ گېئوسىياسەت ئاكادېمىيەسى“ نامىدىكى بىر شەخسى ئاكادېمىك تەشكىلات ”شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجدىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى“ تېمىسىدا بىر چۈشتىن كېيىنلىك لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا مەخسۇس خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن ”شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى“ نىڭ دوكلات بەرمەكچى بولغان. مەزكۇر ئاكادېمىيە تور بېتىدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەستىن، شەخسىي قاناللار ئارقىلىق، پائالىيەتتىن پەقەت ئىككى كۈن ئىلگىرى، بەزى شەخسلەرگە ئۆزلىرى مەخسۇس تەكلىپنامە ئەۋەتكەن. بۇنى تاپشۇرۇپ ئالغان بەزى كىشىلەر ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىغا يوللاپ بەرگەن.
بىز بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، بۇ ئورگاننىڭ قانداق بىر يەر ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ باقتۇق. 2005-يىلى قۇرۇلۇپ، ئىككى قېتىم تاقىلىپ قېلىپ، تېخى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئۈچىنچى قېتىم قايتا ئېچىلغان بۇ شەخسىي مائارىپ ۋە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەركىزى كومېتىتى پۈتۈنلەي قېرى ئەرلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، خىتايپەرەس ۋە رۇسپەرەس پىنسىيەگە چىققان ياكى يېقىنلىغان، يەنى كونا ئىدىئولوگىيە دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پىروفېسسورلاردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. بۇ ئورگاننىڭ تىۋىتتىر ھېسابىمۇ، ئۇنىڭ مۇدىرىنىڭ شەخسىي ئىسمىدا بولۇپ، مارتنىڭ بېشىدىن بېرى يېڭىلانمىغان ئىكەن. دېمەك، بۇ ئورگان ئىشەنچلىك، كەسپىي ئەخلاقلىق بىر تەتقىقات ئورنى ئەمەس. ئەلۋەتتە، خىتايغا ئوخشاش بىر ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن بىر گۇرۇپپىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس دوكلات ئورۇنلاشتۇرۇش مۇستەقىل ۋە كەسپىي ئەخلاقلىق بىر تەتقىقات ئورنى قىلىدىغان ئىش ئەمەس.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ جاۋابى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ۋە ئۇنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ دوكلات تەكلىپنامىسىدىكى بېرىلگەن ئادىرىس بويىچە، دوكلات زالىغا كىرىش ئۈچۈن تىزىملىتىشكە تىرىشىپ باقتۇق. ئەمما تىزىملىتىش بېتىدىكى سورالغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىنچىكىلىكى، كۆپلىكىدىنلا، بۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ سىرتتىن ئادەم كىرگۈزۈش ئەمەسلىكى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس بەزى كىشىلەرنىلا كۆزلىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. شۇڭا ئىنىستىتۇتتىكى شائىر مەردان ئەخەتئەلى باشچىلىقىدا، ئۈچ كىشى بۇ دوكلات باشلاشتىن بۇرۇنلا نەق مەيدانغا كېلىپ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ئويۇنىنى بىت-چىت قىلىشقا تىرىشتى. كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن مەردان، بۇ دوكلات بولىدىغان بىنا ئىشىكى ئالدىدا، يېتىپ كەلگەن ”شىنجاڭ ۋەكىللىرى“ ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خىتاينىڭ پارىژدىكى ئەلچىخانا خادىملىرىغا خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئاياقلىشىشىنى تەلەپ قىلغان شوئارلارنى ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئېنگىلىزچە توۋلاپ، بۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بېشىنىمۇ كۆتۈرگۈزمىدى. بىللە ھەمراھ بولۇپ بارغان، لاگىر شاھىدى گۈلباھار جېلىلوۋامۇ تەڭ توۋلاپ تۇردى.
دوكلاتقا كەلگەنلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ، جەمئىي ئونغىمۇ بارمايدۇ. بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك بۇ قاتناشقۇچىلارمۇ زالغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يېنىپ چىقىپ، بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزغا ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇلارنىڭ قانداق نىيەتتە بۇنداق بىر پروپاگاندا دوكلاتى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى دىيىشتى. دېمەك، خىتاينىڭ بىرمۇنچە چىقىم تارتىپ، ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بىر تەتققىقات ئورنى تېپىپ،مەخسۇس بىر پىروفېسسورلار ئۆمىكىنى توپلاپ، ئۈرۈمچىدىن ئەكىلىشى،پارىژدىكى تونۇلمىغان بىر كىچىك تەتقىقات ئورنىنىڭ يىغىن زالىدا،ئاران بەش-ئالتە ئادەمگە سۆزىنى ئاڭلىتىشى، يەنە كېلىپ، بۇلارنىڭمۇ يېنىپ چىقىپ، يەنە خىتاي ھۆكۈمېتىنى پروپاگانداچىلىق بىلەن ئەيىپلىشى، خىتاينىڭ 2023-يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ يولغا قويۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نورماللاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ياۋروپادا ھازىرغىچە تامامەن مات بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىدىن ئاز بولسىمۇ ئىككى-ئۈچ ئادەمنىڭ كېلىپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە توۋلىشى، كۆزلىرىگە قارىتىپ بىزنىڭ كۆك بايراقنى لەپىلدىتىشى بولسا، خىتاينىڭ شۇنچە قىلغان ئەجرىنىڭ تامامەن كۆپۈك بىلەن ئاياغلاشقانلىقىدەك بىر ئاچچىق ئەمەلىيەتنى كۆرسۈتۈپ بەردى.
ماكرون خىتايدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىچۇ ؟
ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتى فىرانسىيە ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر ئېقىم تېمىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەلۋەتتە خىتايغا ئالاقىدار تېمىلار ئىچىدىكى مۇھىم تېما بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى فىرانسىيەدە 2019 نىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تاكى ئوكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغانغا قەدەر، فىرانسىيەدىكى ئەڭ مۇھىم خەلقئارا تېمىسى بولۇپ تۇرغان ئىدى. فىرانسۇز ياشلارنىڭ تەلەپلىرى بويىچە، ماكرون ھەتتا خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ياشلارغا جاۋاپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما، ئوكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غاززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مەركىزى خەلقئارالىق تېما ئورنىدىن چۈشۈپ قالغان ئىدى. ھەرقېتىم ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتى ياكى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ فىرانسىيە ئېقىم مەسىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن، يەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئىجدىمائىي جەمئىيەتنى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىلارنى ئويغىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى ئۆزىمىز قىلمىساق، خەلقئارالىق جىددىي تېمىلارنىڭ تولىلىقىدا ۋە فىرانسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ۋە زىددىيەتلىرى ئىچىدە، ھېچكىم بىز ئۈچۈن، ئۆزلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۆزلىمەيدۇ.
شۇڭا يەنە بۇ قېتىممۇ، فىرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى دۆلەتلىك كۈندىلىك گېزىتلىرىدىن ”ئازاتلىق“ تا، پىرىزدىنىت ماكروندىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى شى جىنپىڭدىن سوراش، خىتاينىڭ فىرانسىيە تۇپرىقىدا، خالىغانچە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا تەھدىد سېلىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنى ئاساس قىلغان بىر پارچە چاقىرىق ماقالىسى ئېلان قىلدىم. بەلكىم ماكرون ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقى مۈمكىن، ئەمما، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ نوپوزلۇق ئىككى گېزىتنىڭ بىرىدە، بىۋاستە ماكرونغا قارىتىلغان چاقىرىق ماقالىسىنى ئەڭ بولمىدى دېگەندە، پىرىزدىنىتنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرى چوقۇم ئوقۇيدۇ.
شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نورماللاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى
فىرانسۇزچە چىقىدىغان ”ئىستىخبارات تورى“ نىڭ 3-دېكابىردىكى ئۇزۇن بىر ئانالىز ماقالىسىدىن، بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە، كىملەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنلىكى ۋە نېمە سەۋەپ بىلەن فىرانسىيەگە دەل ماكروننىڭ خىتايغا ماڭغان كۈنى بۇ دوكلاتنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، پارىژغا كەلگەن بۇ ”شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى“ ئادەتتىكى ئاكادېمىك لېكسىيە ئالماشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى بىۋاستە بېيجىڭدىكى خىتاي مەركىزى سىياسىي بۈيروسىنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن تەشكىللىگەن گۇرۇپپا بولۇپ، مەقسەت، ناھايىتى سىلىقلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن 1984-يىلدىن بېرىقى ئاپتونومىيە سىياسىتىنى تامامەن كۆمۈۋېتىپ، ئورنىغا ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى“نى دەسسىتىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ ياۋروپادىكى بولغۇسى تەسىرىنى سىناپ بېقىش.
2016-يىلى چېن چۈەنگونىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى سەۋەپلىك، خىتاي خەلقئارادا دېپلوماتىيە جەھەتتىن تامامەن ئوبرازىنى بۇلغىۋالدى، بولۇپمۇ شۇنىڭدىن كېيىن، غەرپ دۇنياسىدىن يالغۇز قالغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندى. بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاش ئۈچۈن تاپقان ئامالى بولسا، داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇش.ئۇنداقتا قانداق نورماللاشتۇرىدۇ ؟
”ئىستىخبارات تورى“ نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ نورماللاشتۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئاتالغۇسى ”رۇخسەت قىلىنغان فولكلور“ بولۇپ، يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بېرى، بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئوخشاش، خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بۇلار ئاساسەن رېستورانلار، ناۋايخانىلار ۋە ئۇششاق تىجارەتلەردە ئىكەن ۋە بۇ تىجارەتلەرگە خىتاي ھۆكۈمېتى مەخسۇس مەبلەغ سالغان ئىكەن. ئوخشاش ۋاقىتتا، لېكىن ئۇيغۇر زىيالىيلارغا ھېچقانداق ئورۇن يوق بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئالىي مەكتەپلەر بارغانسېرى ئىشىكنى ئېتىۋېتىپتۇ. يەنى، بۇ مىللەتنىڭ شائىرلىرىنى،مۇتەپپەككۈرلىرىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى يوقىتىپ، پەقەت زۇۋان سۈرمەي، بەرگەن ئازراق پۇل تېپىش پۇرسىتىگە شۈكۈر قىلىدىغان، مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە رازى، بىر گۇرۇپپا بوي ئېگەرمەنلەرنىلا ساقلاپ قېلىش خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ تۈپ مەقسىدى.
شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتىدا ئەنسىزلىك
”ئىستىخبارات تورى“ نىڭ ئېگەللىشىچە، پەقەت شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەركىزى خىتاي سىياسىي ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىدا ھازىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى ئېغىر كىرىزىس بولۇپ، بۇ ئەنسىزلىك بۇ يىلنىڭ 20-ئاۋغۇست كۈنى خوڭ-كوڭ ئىلىم ۋە تېخنولوگېيە ئۇنىۋېرسىتىتىدا مەخسۇس ”شىنجاڭ مەسىلىسى“ توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي يىغىندىن باشلانغان. بۇ يىغىندا، پەقەت چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارلا ئەمەس، خىتاي تەتقىقاتچىلارمۇ خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان. گەرچە بۇ يىغىنغا خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان بەزى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارمۇ قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما ”ئىستىخبارات تورى“ غا زىيارەت بەرگەن بەزى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پروپاگانداسىنىڭ ھازىر پەقەتلا ئۆتمەيدىغانلىقىنى، ۋە خ.ك.پ. نىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، چەتئەللەردە يېڭى زۇۋان ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
چىن چۈەنگونىڭ ئورنىغا بۇ يىل ئىيۇلدا، تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن“مىنىستىرلىك ئۈستى مىنىستىرلىكى“ دەپ سۈپەتلىنىدىغان ”بىرلەشمە فرونىت“ نىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن شىياۋجىڭنىڭ قويۇلۇشىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىدىكى بىر پۇتاق نۇقتا بولۇپ قالغانلىقى ۋە بولۇپمۇ خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى،چەتئەللەردە خىتاي پروپاگانداسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا قارىتا نازارەتنىڭ تېخىمۇ ھالقىلىق ئورۇن ئېگەللەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. ما شىڭرۇيدىن باشقا، سەھنىدىن يوقاپ كەتكەن يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرباب، خىتاي مۇئاۋىن پىرىزدىنتى خەن جىڭ بولۇپ،ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ مەركىزى دۆلەت ئاپپاراتىنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئۇيغۇر دىئاسپورا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي دىپلوماتىيەسىنى ئاجىزلاتقۇدەك كۈچلۈك بولمىغان بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا قاراتقان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ۋە غەرپتىن ئۆزىگە مايىل پروپاگانداچىلارنى سېتىۋېلىشلىرى كارغا يارىغان بولسا، شەرقى تۈركىستاننىڭ بېشىدىكى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت بېشىنى بۇنداق تېز ئالماشتۇرمىغان بولاتتى.
خاتىمە
مەيلى بۇ ”شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى“ نىڭ پارىژدا چاشقاندەك مۆكۈپ پائالىيەت قىلىشى بولسۇن، ياكى خىتاينىڭ ھەدەپ، تور تەسىرچىلىرىنى سېتىۋېلىشى بولسۇن، ۋە ياكى ھەممىدىن مۇھىمى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا ”ئىشىك ئېچىۋېتىشى“ بولسۇن، خۇددى ”ئىستىخبارات تورى“ ئېيتقىنىدەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا، خىتاينىڭ ئون يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن، ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى نورماللاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەڭ تەشۋىق قىلىدىغان ئادەملەرنى جىددىي ئىزدەۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ كۈچەشلىرىنىڭ كۈتكەن نەتىجىنى بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇرلار، مەيلى قايسى ئىدىيە، ئىدىئولوگىيە ياكى تەرەپتە بولايلى، ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى خۇلاسىلىيەلەيمىز :
بىرىنجى، دۇنيادىكى ئىككى كۈچلۈكنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ مىليارد مەبلەغ سېلىپمۇ يەنە تەشۋىقاتتا ئۇتتۇرىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا، ھەقسىز، پىدائىي بولۇپ، ئۈمىدسىزلەنمەي،شۇنچە ئاز ساندا بولسىمۇ يەنە قولىدىن كېلىشىچە غەرپتە تەشۋىقات، ئاكادېمىيە ۋە ھەتتا سىياسەتچىلەر دۇنياسىنى يەنە ھەقىقەت (ئۇيغۇر) تەرەپكە قارىتىپ تۇرالىشى. يەنى داۋىدنىڭ گولىياتقا قارشى كۈرىشىنى ئېلىپ بارالىشى. بۇ بىزگە زور ئۈمىد بېرىدىغان بىر نۇقتا.
ئىككىنچى، خىتاينىڭ ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى، پۈتۈن دىپلوماتىيەنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇشقا قارىتىپ، ھەرساھەدىكى كىشىلەرنى ۋە ئورگانلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولغان. ئەگەر غەلىبە قىلىۋاتقان بىر نۇقتا بار دىيىلسە، ئۇ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا قۇرغان توزىقىدىن ئېلىۋاتقان نەتىجە. يەنى خىتاينىڭ ئېچىۋەتكەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ سىياسەتنىڭ بىردىنبىر غەلىبىسى. يەنى خىتاينىڭ ”ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش“ تاكتىكىسىنىڭ نەتىجىسى.
ئۈچىنچى، خىتاينىڭ مەركىزى سىياسى قاتلىمىسىدا داۋالغۇش بولۇشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى پۈتۈن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا ئۈمىد ۋە ئىلھام بولۇشى كېرەك. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەش قىلغان ھەرقانداق خەلق ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ، گەپ كۈرەشنى ھەرقانداق بىر نەپ ئۈچۈن توختىتىش-توختاتماسلىقتا. ئەمما، خىتاينىڭ مەقسىتى يەنە پۈتۈن دىئاسپورانى بۇ مەسىلە تۈپەيلى تامامەن بۆلۈۋېتىش.
شۇڭا پۈتۈن دىئاسپورا ئەزالىرى، ئىدىئولوگىيەرىمىزنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقىدىن ئېتىبارەن، چوقۇم بۇ مەسىلە تۈپەيلى خىتاينى مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىكىمىز، بۇ تۈپەيلى بۆلۈنمەسلىكىمىز مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
