
ئالپ ئۇيغۇر تەييارلىغان، 2025-يىلى، 29-سېنتەبىر
خىتاي شنخۋا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، «يېڭى ۋەزىيەتتە دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش: رايون ۋە خەلقئارا مەسئۇلىيەت» باش تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ ئالاقىدار ئاقىللار ئامبىرى مەكتەپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، رۇسىيە، ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتىدىكى 100 گە يېقىن قاتناشقۇچى باشلىنىش مۇراسىمى، شۆبە مۇنبەر ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يەرشارى خاراكتېرلىك ھەرىكىتىنىڭ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ئاتالمىش تېررورلۇق قۇربانى كۆرسىتىپ، ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەرىكەت قىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئىلان قىلغان ۋە ب د ت، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغان ۋە ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارغانلىقى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن جەزىملەشتۈرۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 19-يانۋاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ ئەيىپلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئىلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئامېرىكا تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغان.