
7-نۆۋەتلىك ئاتالمىش ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن
ئۇيغۇر پوچتىسى تولۇقلىما خەۋىرى، 22-ئېيۇن
ختاي ئۇزۇندىن بىرى- ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەشۋىقات قورالى، دىپلوماتىيە ۋاستىسى، ئېقتسادى تەدبىر سۈپىتىدە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئشلىتىپ، كەلمەكتە
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،2025-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، باش تېمىلىق مۇزىكا «ئۇسسۇل ئوينايلى»نىڭ تونۇش مېلودىيەسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سارىيىدا قويۇلۇپ، 7-نۆۋەتلىك ئاتالمىش ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، ختاي ۋە چەت ئەلنىڭ 24 سەنئەت ئۆمىكى رايوندىكى ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلەرگە 52 مەيدان ئويۇن قويۇپ بەرگەن.
خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى ھەمدە مەركىزىي بالېت ئۆمىكى، ئاتالمىش شنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 16 ئويۇن قويۇش ئۆمىكى جەم بولغان بولۇپ، ئويۇن ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ئوپېرا، بالېت، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسىي مەيدان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئارال شەھىرى شۆبە مەيدان قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەت 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملاشقان.
ئۇيغۇر زىيالىسى تاھىر ئىمىن مۇنداق دىگەن: ختاينىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسدى-ئۆزىنىڭ مىللەتلەر سياستىنى تەشۋىق قىلىش ئىكەنلىكى ناھايتى ئىنىق، ئەمما ختاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركى خەلقلەر بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە مۇستەقىل ۋە بىۋاستە ئۇچرىششنى چەكلەش ئۈچۈن، دۆلەت كونتىرۇللۇقىدا ۋە كومپارتىيەنىڭ سياسى بايرىقى ئاستىدا ئۇچراشتۇرۇشى-ئۇلارنىڭ كۈلتۈر ۋە تارىخ جەھەتتىكى باغلىنشى ۋە سياسى جەھەتتە ختايغا پايدىسز ئامىللارنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈندۇر.