
ئەسكەرتىش: «ئۇيغۇر پوچتىسى» مەخسۇس «تەشكىلات ئاۋازى» سەھىپىسى ئارقىلىق، ئوخشىمىغان تەشكىلاتلارنىڭ بايانات ۋە پىكىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، كۆپ خىل ئاۋازنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق، تەشكىلاتلارنىڭ مەيدانى ۋە ئاۋازىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش ھەمدە تارىخىي خاتىرە قالدۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.ئېلان قىلىنغان بايانات ۋە پىكىرلەر شۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرمەيدۇ.
مەزكۇر يازما مەنبەسى مۇسا ئارسلان
17 -نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ ھۆرمەتلىك قاتناشقۇچىلىرى، ئەزىز مېھمانلار، قىممەتلىك ۋەكىللەر!
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 180دىن كۆپ تەشكىلات ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئاكادېمىسيەنلەر، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار، تۈركىيە كوجائەلى شەھرىدە، 27 ۋە 28 سىنتەبىر كۈنلىرى، 17-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىششىغا قاتناشتى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىن جەريانىدا، ئىسلاھات، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ھەققىدە مەخسۇس مەجلىسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھەممىمىزگە يۈكلەنگەن تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە ئورتاق غايىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى كۆزلەپ قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن. بۇ يىغىن، 17 يىللىق شانلىق ئەنئەنىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئارىسىدا بىرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق روھىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم قەدەملىرىمىزنىڭ بىرى بولدى.

يىغىنىمىزنىڭ ئاساسىي تېمىسى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشى: ئىسلاھات، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق» بولۇپ، بۇ جەرياندا بىز ئۆتمۈشىمىزدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئۆزىمىزگە ئەينەك قىلدۇق. بولۇپمۇ 2017-يىللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان پەيتلەردە، ئۆزئارا توقۇنۇش ۋە جېدەل-ماجىرالار سەۋەبىدىن نۇرغۇن تارىخىي پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. شۇڭا، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىچكى زىددىيەت ۋە كېلىشمەسلىكلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى قايتا بەرپا قىلىشقا، بىر-بىرىمىزنى تەنقىدلەشنىڭ ئورنىغا بىر-بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىدۇق.

بۇ يىغىندا تۆۋەندىكى ئاساسلىق نۇقتىلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق:
1. ئورتاق دەۋا پىرىنسىپلىرىنى مۇستەھكەملەش: دەۋايىمىزنىڭ ئۆزگەرمەس قىزىل سىزىقلىرىنى قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتتۈق. ئىسلام دىنىمىز، «شەرقىي تۈركىستان» نامىدىكى ۋەتىنىمىز، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز، دۆلەت گېربىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىسمى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھېچقانداق مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىمىزنى، بۇلارغا دەخلى قىلغان ھەرقانداق كىشىگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق. بۇ پىرىنسىپلار، بارلىق تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئىدېئولوگىيەلىك ئۇل بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
2. تەشكىلىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات: تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، زامانىۋى تەشكىللىنىش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى. «ئىنسان يېتىلدۈرۈش»نى غەلىبىنىڭ ئاچقۇچى دەپ بېكىتىپ، رەھبەرلىك، ماسلىشىش، باشقۇرۇش، تېخنىكا ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. پائالىيەتچىلىكتىن سىياسەتچىلىككە ئۆتۈپ، ئەقىل ئامبارلىرىنى قۇرۇپ، خىتاينى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىغان ئورگانلارنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر قىلىندى. شۇنداقلا، دۆلەتچىلىك ئىدىيسىى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، تەشكىلاتچىلىق زېھنىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدەك يۈكسەك نىشانغا تار كىلىدىغانلىقى يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.
3. قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق: ئوخشىمىغان تەشكىلات ۋە ھەرىكەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدۇق. پەرقلىق كۆز قاراشلارنى سەرخىللىق ۋە بايلىق دەپ بىلىپ، «بىز» دېگەن ئاڭ بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، كىچىك ئىختىلاپلارنى قويۇپ، ئورتاق دۈشمىنىمىزگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇشقا ئەھدە قىلىندى. سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنىمىزغا قاتنىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۆتمۈشتىكى خاتا چۈشەنچىلەرگە خاتىمە بېرىپ، كەلگۈسىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئىرادىمىزنى نامايان قىلغانلىقى بۇ يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى بولدى.
4. ياشلار ۋە ئاياللارنىڭ رولىنى كۈچەيتىش: دەۋانىڭ كەلگۈسى ياشلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا، ئۇلارنى ئىلمىي، مەنىۋىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈش، ئۇلارغا مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى بېرىش ئارقىلىق دەۋاغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. شۇنداقلا، ئاياللارنىڭ دەۋادىكى ئورنىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ رول ئوينىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش بۇرچىمىز دەپ بىلىندى.
5. ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش: خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك تەھدىتىنى ۋە دەۋايىمىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى خىرىسلار ئانالىز قىلىندى. دەۋانىڭ تەلەپلىرىنى زامانغا ماس ھالدا يېڭىلاپ، تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋە پىلانلىق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى، دىپلوماتىيە ۋە لوبىچىلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
بۇ يىغىندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، «ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۆز ئارا مەسلىھەت بىلەن بولىدۇ» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ، «مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ»، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت ئاخىرقى نىشانىمىزغا يەتكۈچە بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا قايتىدىن ئەھدە بېرىلدى!
بۇ پىلان ۋە تەكلىپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توغرا ئىستراتېگىيە، ھەمكارلىق روھى، سىستېمىلىق ھەرىكەت، ئىزچىللىق ۋە بەدەل تۆلەش روھى ئىنتايىن مۇھىم. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پائال تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتلەردە بىرلىشىشى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈشى ئارقىلىق ھەقىقىي قېرىنداشلىق روھى بىلەن مۇستەقىللىق دەۋاسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىق غەلىبىنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقى مۇقەررەر.
17-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ يىغىن مۇزاكىرەلىرى ۋە پلانلانغان ھەمكارلىق يوللىرىنىڭ مىللەتىمىزگە يېڭىدىن ئۈمىد ئېلىپ كېلىشى – بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىزدۇر.
بۇ يىغىننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىممەتلىك ۋەكىللەر ۋە مېھمانلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئاللاھ بىرلىكىمىزنى مۇستەھكەم، دەۋايىمىزنى مۇزەپپەر قىلسۇن!
قاتناشقۇچى تەشكىلاتلار:
1. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
2. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتى
3. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
5. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمىئىيىتى
6. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى
7. شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمىئىيىتى
8. شەرقىي تۈركىستان كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمىئىيىتى
9. شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىئا جەمىئىيتى
10. شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى
11. ئابدۇساتتار ھاجى سەئىيدىيە ئىلىم ۋە مەدەنىيەت جەمىئىيتى
12. ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى
13. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىئىيىتى
14. شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
15. فېنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى
16. ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپى
17. شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى
18. تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى
19. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى
20. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى
21. دارۇل-ئىمان ئاكادېمىيەسى
22. خانلىق مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق ۋەخپى
تەكرار بۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشقا ھەسسە قوشقان بارلىق تەرەپلەرگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەتلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز.