ئۇيغۇر پوچتىسى، 18- يانۋار
2. ئادۋۇكات لاسسۇ ۋە ئۈچ ئاكا- ئۇكا

ئادوۋكات مۇھەممەد شافىي لاسسۇ. (سۈرەتنى ۋاسىم ئابدۇللا تەمىنلىدى)
مەزكۇر ئۈچ ئاكا- ئۇكىنىڭ تەقدىرىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى كەشمىرنىڭ ئەڭ تەجرىبىلىك ئىنسان ھەقلىرى ئادۋۇكاتلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇھەممەد شافىي لاسسۇ (Muhammad Shafi Lassu) نىڭ دېلوغا ئارىلىشىشى دېيىش مۇمكىن. لاسسۇنى بۇ مۇرەككەپ دېلونى ئۈستىگە ئېلىشقا ئۈندىگەن ئاساسلىق سەۋەب، قۇرۇق قانۇنىي چىگىشلىكلەردىن بەكرەك، ۋەقەنىڭ ئىنسانىي پاجىئەلىك تۈسى بولغان. لاسسۇ بۇ ئۈچ ئاكا- ئۇكىنى تۈرمىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەندىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ: «ئۇلار خۇددى كىچىك بالىدەكلا ئىدى» دەيدۇ. ئۇ يەنە تۈرمە قاراۋۇللىرىنىڭ كۆزىتىشلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ياشلارنىڭ روھىي ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى كىچىك بالىلارغىلا ئوخشايدۇ؛ بىللە ئوينايدۇ، بەزىدە ئۇرۇشۇپ قالىدۇ، ئاندىن يەنە ھېچنەرسە بولمىغاندەك تېزلا نورمال ھالىتىگە قايتىشىدۇ.»
ئادۋۇكاتنىڭ بۇ كۆزەتكەنلىرىدىن، ياشلارنىڭ يالغۇز قانۇنىي سالاھىيىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ زەخمىلەنگەن روھىي دۇنياسىنى ۋە تۈرمىنىڭ سوغۇق تاملىرى ئارىسىدىكى بىگۇناھ خاراكتېرىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.
ئون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قانۇنىي كۈرەش مۇساپىسىدە، ئادۋۇكات لاسسۇ بىلەن مەزكۇر ياشلار ئوتتۇرىسىدا كەسپىي مۇناسىۋەتتىن ھالقىغان بىر ئىنسانىي رىشتە شەكىللەنگەن. «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادۋوكات لاسسۇ تۈرمىدىكى بۇ ياشلارنى يىلدا بىر- ئىككى قېتىم يوقلاپ تۇرۇشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ بۇ ئۈچەيلەننىڭ دورا- دەرمەك ۋە باشقا كۈندىلىك زۆرۈر ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئۆز يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ ماددىي ياردەم قىلغان. شۇنداقلا، تۈرمىدىن ھەر ھەپتىدە كېلىدىغان قەرەللىك تېلېفونلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ، دېلوغا ئائىت يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى جىددىي كۆزىتىپ تۇرماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئادۋۇكات لاسسۇ دېلونىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تۈرمە خاتىرىلىرى ۋە ھىندى- تىبەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ (ITBP) دوكلاتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزدىن كەچۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، دېلونى بېجىرىش جەريانىدىكى سەل قاراشلار ۋە بىر تەرەپلىمە قارارلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر قاتار نۇقسانلار ئاشكارىلانغان. جۈملىدىن، دەسلەپكى سوراق خاتىرىلىرىنىڭ تەرجىمانسىز تەييارلانغانلىقى، شۇنداقلا ھۆججەتلەردىكى مەلۇماتلارنىڭ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئەسلى بايانلىرى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقى ئايان بولغان. قانۇنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، لاسسۇ سوتقا سۇنۇلغان دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ تۇتقۇنلارنى مەلۇم بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەشكە يېتەرسىز ئىكەنلىكى بايقىغان. بىراق لاسسۇنى ئەڭ ئەندىشىگە سالغىنى بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە دۇچ كېلىدىغان ھاياتىي خەۋپىنىڭ دېلونىڭ ھېچبىر باسقۇچىدا ياكى رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقى بولغان.
شۇڭا لاسسۇ يەرلىك ۋە مەركىزىي دائىرىلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي نۇرغۇنلىغان ئىلتىماسلارنى يوللىغان. كېيىنرەك «ئادىل پلانېت»تا خەۋەر قىلىنغان 27 بەتلىك «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى» غا (PSA) قارشى ئېتىرازنامە بۇ كۈرەشنىڭ گەۋدىلىك باسقۇچلىرىدىن بىرى بولغان. لاسسۇ بۇ ئېتىرازنامىنى ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ «خالىغانچە ئەركىنلىكنى چەكلەشنى مەنئى قىلىدىغان» ماددىلىرى ۋە خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرى بىلەن پىششىقلاپ چىققانىدى. ئېتىرازنامىدە «مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىق» (non-refoulement) پىرىنسىپى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ياشلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ قانۇن جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەسلىكى بىر- بىرلەپ شەرھلەنگەن. بىراق، ئېتىرازنامىگە ھېچقانداق رەسمىي جاۋاب كەلمىگەن.
ئادۋۇكات لاسسۇنىڭ «ئەلجەزىرە» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھىندىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئالاھىدە خەت يېزىپ، مەزكۇر ياشلارنىڭ ھىندىستاندا ئەركىن ياشىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئىلتىماسىدا، ھىندىستاننىڭ نۆۋەتتە تىبەت، ئافغانىستان ۋە روھىنگا مۇساپىرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ياشقىمۇ ئوخشاشلا مەرھەمەت كۆرسىتىلىشىنى سورىغان. لاسسۇ يەنە ھىندىستان باش مىنىستىرىغىمۇ بىر قانچە پارچە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى پاكىت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. ئۇ خېتىدە بۇ ئۈچەيلەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى ۋە ئۇلارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىلىشىنى ئۆتۈنگەن. ئادۋۇكاتنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ياشلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇلارنى «ئۆلۈمگە يوللىغان» بىلەن باراۋەر بولۇپ، شۇنچە تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، دائىرىلەردىن ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي جاۋاب كەلمىگەن.
لاسسۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر ئۈچ ئاكا- ئۇكا ئۈچۈن بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىگە رەسمىي تەلەپ خەتلىرى يوللاپ، ئۇلارنىڭ جىددىي ئىنسانىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بىراق ئۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇل دائىرىلىرىدىن ھېچقانداق ئىجابىي جاۋاب ئالالمىغان.
(داۋامى بار)
خەۋەرنىڭ ئالدىنقى قسمى: تەپسىلى خەۋەر: 13 يىلغا سوزۇلغان مەھكۇملۇق، ھىندىستان تۈرمىلىرىدە ئۇنتۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ تەقدىرى (1)
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
