دېكابىر 29, 2025

شائىر ئابدۇشۈكۈر قۇمتۇر تەقدىرنامە تاپشۇرۇپ ئالماقتا. 

ئۇيغۇر پوچتىسى 22- دېكابىر

ئامىنە سەدەف

11-نۆۋەتلىك يەھيا كەمال بەياتلى خەلقئارا شېئىر فېستىۋالى 19- دېكابىر ماكادونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ماكىدونىيا تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى، كۆپرۈ دەرنىكى ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ فېستىۋالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 29- نۆۋەتلىك رەئىسى مۇستافا شەنتوپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيتى ئۈسكۈپ ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلەھەتچىللىرى، شىمالى ماكادونىيە ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ ئەزاسى فاتمىر ئىسكەندەر، باش رەئىس تاھسىن ئىبراھىم قاتارلىق مۇھىم شەخسلەردىن باشقا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، شىمالى ماكادونىيا، كوسوۋۇ قاتارلىق 12 دۆلەتتىن 30 دىن ئارتۇق شائىر، بىرقىسىم دېپلوماتىيە خادىملىرى، پارلامېنىت ئەزالىرى، ئاكادېمىكلەر قاتناشقان بۇلۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئابدۈشكۈر قۇمتۇر ۋە ئىمران سادائىيمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالىدىن يىغىن ئەھلىگە دوكلات بەردى. 

شائىر ئىمران سادائىي سەھنىە شېئىر ئوقۇماقتا.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇخبىرىنىڭ تېلېفۇن زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، شائىر ئابدۈشكۈر قۇمتۇر مۇنداق دىدى: «بىز بۇ قېتىم ماكادوكىيەدا ئۈچ كۈنلۈك يىغىنغا قاتناشتۇق. يەھيا كەمال باياتلىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن شېئىرىيەت فېستىۋالىدا بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شېئىريىتى ھەققىدە دوكلات بەردۇق ھەمدە شېئىر ئۇقۇدۇق. بىز يەنە ماكادوكىيەدا 20-، 21- دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن «21- دېكابىر تۈرك مائارىپى مىللىي بايرىمى»غىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇق. ئون مىڭ كىشىلىك بۇ يىغىنغا ماكادوكىيە پىرېزىدېنتى، دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە تۈركىيەدىنمۇ مۇھىم كىشىلەر قاتناشتى. يىغىن رىياسەتچىسى ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بىز مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى خەلىقئارالىق بىر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئاڭلىتالىغىنىمىزدىن تۇلىمۇ ھاياجانلاندۇق. بىز بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئەدەبىياتچىلار ۋە ئاخباراتچىلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پاراڭلاشتۇق. بىز بۇ ئارقىلىق خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئەدەبىياتىمىزنى خەلقئارا جەمئ‍ىيەتكە تۇنۇشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئەدەبىياتچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.»


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading